Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 83:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 83:10
10 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئەكېلىپ، ئۇلارنى ئەمالاردەك تىمىسقىلاپ ماڭدۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا قارشى گۇناھ قىلدى. ئۇلارنىڭ قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلىدۇ، جەسەتلىرى چىرىتىپ تاشلىنىدۇ.»


شۇڭا ئۇ ئەمەلدارلىرىغا: _ ماڭا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر ئايال تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆلگەنلەردىن سوراپ باقاي، _ دېدى. _ ئېندوردا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر باخشى ئايال بار، _ دېدى ئەمەلدارلار.


ماناسسە قەبىلىسىگە بېرىلگەن بەيتشان، يىبلىئام، دور، يەنى نافەتدور، ئېندور، تاناك ۋە مىگىددو قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئىسساكار قەبىلىسى بىلەن ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى.


ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


سۆڭەكلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.


ئىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى يىزرىئەل ئېتىزلىرىغا چېچىلغان قىغدەك چېچىلىپ كېتىدۇ. ھېچكىم ئۇنى تېپىپ: ‹ماۋۇ ئىزەبەل ئىكەن› دەپ ئېيتالمايدۇ»، _ دېدى.


باراقنىڭ قوشۇنى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، پەرۋەردىگار سىسىرانى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قوشۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. سىسىرا ھارۋىسىنى تاشلاپ پىيادە قېچىپ كەتتى.


باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا جان بەردى، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمىدى.


ئۆركەشلەپ قەدىمىي قىشون دەرياسى، ئېلىپ كەتتى ئۇلارنى تېز كەلكۈن. دەيمەن ئۆزۈمگە جاسارەتلىك بول، باسقىن ئالغا.


ئۇلار مىديانلارنىڭ ئورېب بىلەن زىئېب دېگەن ئىككى سەركەردىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلار ئورېبنى تاش ئۈستىدە ئۆلتۈردى، بۇ تاش كېيىن «ئورېب قورام تېشى» دەپ ئاتالدى. زىئېبنى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۆلتۈردى. بۇ كۆلچەك كېيىن «زىئېب ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكى» دەپ ئاتالدى. ئۇلار مىديانلارنى داۋاملىق قوغلاپ، ئورېب بىلەن زىئېبنىڭ كاللىسىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇرغان گىدئونغا ئېلىپ باردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite