1 ئۈن چىقارماي جىمىپ قالما ئى خۇدا، سۈكۈت قىلىپ يوقاپ كەتمە ئى خۇدا.
ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىمەن ساڭا، ئى قورام تېشىم، قۇلاق سالماي قويمىغىن ماڭا. ئەگەر جىم تۇرۇۋېلىپ بەرمىسەڭ جاۋاب، قالارمەن گويا گۆردىكى مۇردىغا ئوخشاپ.
ئى ئىگەم، كۆردۈڭ ئۇلارنى، سۈكۈت قىلمىغىن، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشمىغىن.
رەببىمىز سۈكۈت قىلىپ تۇرماس زىنھار، كەلمەكتە ئۇ، ئالدىدا ئوت يالقۇنى يالماپ كېلەر، ئەتراپىدا بوران-چاپقۇن ھۇۋلاپ كېلەر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈت قىلدىم، جىم تۇردۇم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. مەن ئەمدى ئاياللار تولغاق ئازابىدىن ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاش، قاتتىق ۋارقىراپ، پەرياد قىلىمەن.
ئويغانغىن ئى پەرۋەردىگار، ئۇخلاپ ياتىسەن نېمىشقا؟ تاشلىۋەتمىگىن بىزنى مەڭگۈگە، كەلگىن يېنىمىزغا!
قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە، مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە.