4 مىسكىن ۋە يوقسۇللارنى قۇتقۇزۇڭلار، رەزىللەردىن ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار.
چۈنكى ياردەم سورىغان يوقسۇللارنى قۇتقۇزدۇم، ئىگە-چاقىسىز يېتىملەرگە ھامىي بولدۇم.
بىلىمەن، ئېزىلگەنلەرگە ئىگە بولۇپ پەرۋەردىگار، يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قوغدار.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلماڭلار، بوزەك قىلماڭلار. بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكمەڭلار.