Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 81:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 تىڭشا خەلقىم، قۇلاق سال ئەي ئىسرائىللار! مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇراي:

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 81:8
14 Referans Kwoze  

«مەن خۇدادۇرمەن، سىلەرنى ياراتقان خۇدا، ئەي خەلقىم، قۇلاق سېلىڭلار ماڭا، ئەي ئىسرائىل، شىكايىتىم بار ساڭا.


بىلىپ قويۇڭكى، بىز بىلىدىغىنىمىزنى ۋە كۆرگىنىمىزنى ئېيتساقمۇ، سىلەر يەنىلا بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىسىلەر.


ماڭا چىن قەلبىڭلاردىن ئىتائەت قىلساڭلار، زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل نېمەتلەر سىلەرنىڭ بولىدۇ.


پەرۋەردىگار: _ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان مەن خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپا بولىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى.


بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان يەردە، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى تېخىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن.


خەلقىم سۆزۈمگە قۇلاق سالسا ئىدى، ئىسرائىللار مەن باشلىغان يولدا ماڭسا ئىدى.


يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىشكە ۋە رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدىم.


_ مېنىڭ بۈگۈن ئېيتقان بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار. بۇ قانۇندىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىشنى پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇيرۇڭلار.


ئەگەر سەن بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئاندىن كېلىپ بىزگە يەتكۈزسەڭ، بىز ئاڭلايمىز، ئىتائەت قىلىمىز.»


مۇسا ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مىرىبا» [مەنىسى «سىناش» ۋە «جېدەللىشىش»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئۇ يەردە مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار زادى ئارىمىزدا بارمۇ-يوق؟» دېيىشكەنىدى.


ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغدا بىر پارچە قويۇق بۇلۇت پەيدا بولدى. بۇرغىنىڭ قاتتىق چېلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارارگاھتىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى.


بۇ يەر «مىرىبا سۈيى» [مەنىسى «جېدەل سۈيى»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ يەردە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار بىلەن جېدەللەشكەنىدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئۇلارغا نامايان قىلغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite