Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 81:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5-6 يۈسۈپ نەسلىنى مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا، بۇنى ئىسرائىللارغا قانۇن قىلىپ بېكىتكەندۇر. مەن ناتونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن بىكار قىلدىم، قوللىرىنى سېۋەتتىن ئازاد قىلدىم.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 81:5
17 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، ياقۇپ ئەۋلادى يات خەلقلەردىن ئايرىلغىنىدا،


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاڭلار، ئىسرائىل خەلقى! مەن سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر خەلقنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىمەن. ئۇ تارىخى ئۇزۇن بىر قەدىمىي خەلق. بۇ خەلقنىڭ تىلىنى سىلەر بىلمەيسىلەر. ئۇلار سىلەر چۈشەنمەيدىغان تىللاردا سۆزلەيدۇ.


پەرۋەردىگار بىر ئەلنى ناھايىتى يىراقتىن ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇلار خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيسىلەر.


قۇدرىتىڭدە قۇتقۇزدۇڭ ئۆز خەلقىڭنى، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئەۋلادىنى. سېلاھ


ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار غەيرىي تىلدا سۆزلەيدىغانلار ئارقىلىق، يات مىللەتلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق، بۇ خەلققە سۆزلىسۇن.


سىلەر: «بۇ ئۆتۈپ كېتىش كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىق مۇراسىمىدۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ جېنىنى ئالغان كېچىدە، ئۇ بىز ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئائىلىلىرىمىزنى ساقلاپ قالغانىدى» دەڭلار. ئىسرائىللار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.


بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار: «بۈگۈن تۈن يېرىمىدا، مەن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىمەن.


چوڭ قەدەھلەردە شاراب ئىچىپ، ئەڭ ئېسىل مايلارنى ئۆزۈڭلارغا سۈرتىسىلەر. ئەمما سىلەر ئۆز خەلقىڭلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەيسىلەر.


مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنى ئارىمىزدىكى بىر بەلگىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدىم.


ئەۋلادلىرىمىز بۇلارنى چوقۇم بىلگەي، ھەتتا تۇغۇلماقچى بولغان بالىلارمۇ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بالىلىرىغا ئۆگەتكەي.


مۇسا بۇ قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرنى ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆگەتتى.


شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەرۋەردىگار تەختتە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالدى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللارنىمۇ ئۆلتۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite