2 چىلتار، داپ، مۇڭلۇق لىرانى ئېلىپ قولۇڭلارغا، مەدھىيە ناخشاڭلارنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.
ئون تارلىق ساز ۋە چىلتارنىڭ ناۋاسىدا، لىرانىڭ يېقىملىق مۇڭلىرىدا.
ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.
ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەمنىڭ قولىدا داپ بار ئىدى. نۇرغۇن ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى.
ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن. خۇشال بولۇۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن.
ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا زەبۇر مۇناجاتلىرى، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلار ياڭرىسۇن. قەلبىڭلاردا بۇ نەغمە سادالىرى ياڭرىغاندەك، چىن قەلبىڭلاردىن رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار.
نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، شۈكۈر ئېيتقان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار تەڭكەش قىلىندى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتقا تولدى.
ئۇ يەردە يەنە مائاسېيا، شىمايا، ئەلئازار، ئۇززى، يىھوخانان، مالكىيا، ئېلام ۋە ئەزەرلەر بار ئىدى. مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغانلار يىزراخيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈنلۈك ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشتى.
ئى ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بولغان ئىگەم، باردۇر ساڭا مېنىڭ مەدھىيەم. سەن مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇرسەن، ماڭا مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدادۇرسەن.