16 سىلەرنى بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىدا باقار ئىدىم، تاشتىن ھەسەل چىقىرىپ تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرار ئىدىم.»
ئۇ چېگرالىرىڭغىچە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلەر، ئۇ سىلەرنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن تەمىنلەر.
خامىنىڭلار ئاشلىققا تولىدۇ، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىڭلار ئىدىشلارغا پاتماي قالىدۇ.
يەتتىنچى كۈنى كۈنپېتىشتىن بۇرۇن شەھەردىكىلەر شىمشونغا: _ ھەسەلدىن تاتلىق، شىردىن كۈچلۈك نېمە بار؟ _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. شىمشون ئۇلارغا: _ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغان بولاتتىڭلار، _ دېدى.
سۈت-قايماقلىرىم ئېشىپ-تېشىپ تۇراتتى. زەيتۇنزارلىقىمدىن زەيتۇن يېغى ئېرىق بولۇپ ئاقاتتى.
ئۇلارنىڭ مەندىن ھەر دائىم ئەيمىنىشىنى، پەرزلىرىمگە ئەمەل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنداق قىلسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ بەختكە ئېرىشىدۇ.
جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.