14 دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ تېزلا باش ئەگدۈرەر ئىدىم، رەقىبلىرىگە قۇدرىتىمنى بىلدۈرۈپ قۇيار ئىدىم.
مەن ئاشدود شەھىرىنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىپ، ئاشقىلون شەھىرىنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. مەن ئەقرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. ئامان قالغان فىلىستىيەلىكلەر قىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ يات خەلقلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شۇنداقلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندا تاكى ھالاك بولمىغۇچە، ئۇلار سىلەرگە تۇزاق، قاپقان ياكى دۈمبەڭلارغا ئۇرۇلغان قامچا، كۆزۈڭلارغا قادالغان تىكەن بولىدۇ.
پەرۋەردىگارغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ جاينىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. چۈنكى بىز ئۇلارنى چايناپ پۈركۈپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ پاناھى يوق، لېكىن پەرۋەردىگار بىزگە يار بولىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، _ دېيىشتى.
تاغلاردا ياشايدىغان ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار تاغلاردىن چۈشۈپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ تاكى خورماھقا بارغۇچە قوغلاپ زەربە بەردى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «غىلاپتىن چىق ئەي قىلىچ، پادىچىمغا قارشى ئاتلان! ماڭا يېقىن تۇرغۇچىغا قارشى چىق! پادىچىنى ئۇر، قويلىرى پاتىپاراق بولسۇن. مەن قوزىلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن.
باش ئەگدۈرۈپ بەردى ئۇ بىزگە دۈشمىنىمىزنى، ئايىغىمىز ئاستىغا يىقىلدۇردى يات خەلقلەرنى.
ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمدى سىلەردىن ئۆزىدىن ئەيمىنىشىڭلارنى، ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىشىڭلارنى، ئۆزىنى سۆيۈشۈڭلارنى، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلارنى،
سىلەر مېنىڭ ئەمىرلىرىمگە بويسۇنغان بولساڭلار ئىدى، پاراۋانلىقىڭلار تىنچ ئېقىپ تۇرغان دەريادەك بولاتتى، ھەققانىيلىقىڭلارمۇ توختاۋسىز ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك دائىم ھۆكۈم سۈرەتتى.