10 سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار مەندۇرمەن. ئېغىزىڭلارنى ئاچساڭلار، بەرىكەتكە تولدۇرىمەن.
سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر.
ئۇ قاندۇرغۇچىدۇر ئۇسسۇزلۇقىنى چاڭقىغانلارنىڭ، ئۇ تويدۇرغۇچىدۇر ئېسىل نېمەتلەر بىلەن قورسىقىنى ئاچلارنىڭ.
_ مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.
ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ تەنتەنىلىك كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: - كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!
ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن.
مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.
بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەندىن ھېچ نەرسە سورىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى بېرىدۇ.
بۇ ئەھدە مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىمدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىدۇر. مەن ئۇلارغا: ‹ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئەمرلىرىمگە بويسۇنساڭلار، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن› دەپ ئېيتقانىدىم.
مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭلار بولمىسۇن.
يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار!
يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە: _ شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئاراڭلاردىكى بارلىق يات خەلقلەرنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سادىق بولۇڭلار، _ دەپ خىتاب قىلدى.
لېكىن ئۇلار نېمە ياخشى بولسا، شۇنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا دۈشمەنلەر ئۇلارنى قوغلايدۇ.