1 كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا، شادلىقتا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى خۇش بولۇپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.
ئەي جاھان ئەھلى خۇداغا ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار، خىسلەتلىرىنى تەرىپلەپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار، ھاياجاندا ئۇنىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار، ئەڭ بۈيۈك خەلق ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار! ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇنداق دەڭلار: ‹ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزغىن.›
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار يەر يۈزىدە، شەرىپىڭنى نامايان قىلدىڭ ئاسمان-پەلەكتە.
مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.
قۇدرىتىم ۋە قالقىنىمدۇر پەرۋەردىگار، ياردىمىگە ئېرىشتىم ئىشەنچ باغلاپ ئۇنىڭغا. شۇڭا مەن شادلىنىپ قەلبىمدىن، شۈكۈر ئېيتارمەن ئۇنىڭغا مۇناجىتىمدا.
«مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر.
بارچە ئەلنى بىر ئۆزۈڭ يېتەكلەيسەن ئى خۇدا، ھەم ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن ئى خۇدا، شۇڭا بارلىق ئىنسانلار شادلىنىپ ئالقىش ياڭراتقاي ساڭا. سېلاھ
«قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»
بىزگە ساڭا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ قويۇشىمىزنى تاپىلاپ: ‹ئاكىلىرىڭ ساڭا يامانلىق قىلىپ قويدى. ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈۋەتكىن› دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىمىز ئىبادەت قىلغان خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىزلەر سەندىن گۇناھىمىزنى كەچۈرۈۋېتىشىڭنى سورايمىز» دەپ سۆز يەتكۈزدى. يۈسۈپ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يىغلىۋەتتى.
گېرشومنىڭ ئوغۇللىرى: لىبنى ۋە شىمئى.
قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە، مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە.