8 مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى، يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.
مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟
ئۆز قولۇڭ بىلەن زېمىنىدىن قوغلىۋېتىپ يات خەلقلەرنى، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى. قاتتىق ئازابلاپ يات خەلقلەرنى، روناق تاپقۇزدۇڭ ئەجدادلىرىمىزنى.
نوتا شاخلاپ، ئۈزۈم تېلىغا ئايلانغاندا، ئۇنىڭ شاخلىرى بۈركۈت تەرەپكە قاراپ بوي تارتىپتۇ. ئۇ يەر ئاستىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يوپۇرماقلىرى قويۇقلىشىپ، بۈك-باراقسانلىشىپتۇ.
نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدى، زېمىنىمنى دەپسەندە قىلدى. ئۇلار مېنىڭ گۈزەل زېمىنىمنى قاقاس چۆللەرگە ئايلاندۇردى.
ئەجدادلىرىمىز ئىبادەت چېدىرىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلغان ۋە كېيىن يەشۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا قوغلىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئىبادەت چېدىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە شۇ چېدىردا خۇداغا ئىبادەت قىلغان.
ئاناڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشار، ئۈزۈم تېلى تىكىلگەچ سۇ بويىغا، مېۋىسى مول، ياپراق، شاخلىرى قويۇق ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىدى مول سۇ بويىدا.
شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، يېرۇسالېملىقلار ئورمان ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ، مەن ئۈزۈم تېلىنى قانداق ئوتقا تاشلىغان بولسام، ئۇلارنىمۇ شۇنداق تاشلايمەن.
خۇدا قوغلىۋېتىپ ئۇ يەردىن يات ئەللەرنى، ئىسرائىللارغا بۆلۈپ بەردى يەرلىرىنى. ئىسرائىل قەبىلىسىگە ئېلىپ بەردى ئۆيلىرىنى.
ۋە يەنە لىۋان تاغلىرىدىن مىسرېفوت-مايىمغىچە بولغان زېمىننى، يەنى سىدونلۇقلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنلىرىنى ئىگىلىشىڭلار كېرەك. مەن بۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىمەن. سەن پەقەت مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل خەلقىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن.
ئى پەرۋەردىگار، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، چۈنكى مەن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا. رەزىللەر بولغاي شەرمەندە، زۇۋانى تۇتۇلۇپ بارغاي گۆرگە.
ئى خۇدا، ئازاب سالدىڭ ئۆز خەلقىڭگە، جازا شارابىنى ئىچكۈزدىڭ بىزگە.