6 قىلدىڭ قوشنا ئەللەرگە بىزنى تالىشىش نىشانى، دۈشمەنلىرىمىز ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشار بىزنى.
ھاقارىتىگە قالدۇق قوشنا ئەللەرنىڭ، مەسخىرە نىشانى بولدۇق ئۇلارنىڭ.
يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ، بىر-بىرىگە ھەدىيىلەر ئەۋەتىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنىدى.
ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار تاغ، ئېدىر، جىرا، جىلغا ۋە خارابىلەرگە ھەمدە يات خەلقلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، ئادەمسىز قېلىپ، مەسخىرىگە قالغان شەھەرلەرگە مۇنداق دەيمەن:
ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟ قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ، بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ.
مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! نېمە ئۈچۈن ئانام مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغاندۇ؟ بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسى ماڭا قارشى چىقىپ، مەن بىلەن جېدەل قىلىدۇ. مەن ھېچكىمگە قەرز بەرمىگەن ۋە ھېچكىمدىن قەرز ئالمىغان. لېكىن ھەممە ئادەم مېنى قارغىشىدۇ.
ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟ سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟ ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن!
سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن قول باغلىشايلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بېرىمىز. قېنى، سىلەر ئىككى مىڭ چەۋەنداز تېپىپ بېقىڭلارچۇ؟
ئۇلار قاتتىق خۇشال بولۇشقان ھالدا: _ شىمشوننى ئەكېلىڭلار، ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ، كۆڭۈل ئاچايلى، _ دەپ ۋارقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون زىنداندىن ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرمەكچى بولۇپ، ئۇنى بۇتخانىنىڭ تورۇسىنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ قويدى.
كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە: باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە، كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.