1 ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.
شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.
يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.
خۇدانىڭ پارلاق نۇرى جۇلالىدى سىئوندىن، گۈزەللىكنىڭ كامالىتى بولغان ئاشۇ ماكاندىن.
ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.
چۈنكى، بۇرۇن سىلەر يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشايتتىڭلار، لېكىن ھازىر ئۆزۈڭلارنى قوغدايدىغان قويچىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.
ئۇلارغا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر قويچى تەيىنلەيمەن. ئۇ ئۇلارغا قويچى بولۇپ، ئۇلارنى باقىدۇ.
داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى. ئۇلار كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە كەلدى.
ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا،
بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانا ئىچىدىكى ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، ئىچكىرىكى ھويلا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ يورۇقلۇقىغا تولدى.
شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ خەلقى مۇسانىڭ ھايات ۋاقىتلىرىنى ئەسلىرىگە ئېلىشتى: «خەلقنى مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟ مۇقەددەس روھنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگار قېنى؟
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتماقتا.
ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.
قايتا گۈللەت بىزنى ئى خۇدا، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.
شۇنداق قىلساڭلار، باش قويچى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، مەڭگۈ چېچەكلەپ تۇرىدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.
ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتام مېنى ۋە مەن ئاتامنى - بىز بىر-بىرىمىزنى تونۇغىنىمىزدەك، مەن ئۆز قويلىرىمنى تونۇيمەن، ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ. قويلىرىم ئۈچۈن جېنىم پىدا.
ئى خۇدا، پېقىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجايىغا قۇلاق سالغىن. ئى ئىگەم، ۋەيران بولغان ئىبادەتخاناڭغا ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دىدارىڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن.
قارىسام، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى شەرقتىن كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. زېمىنمۇ خۇدانىڭ پارلاق نۇرىدىن جۇلالانغانىدى.
مەخلۇقلار يالقۇنلاۋاتقان چوغ ياكى مەشئەلگە ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئوت ھەرىكەت قىلاتتى. بۇ ئوت چاقناپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىن چاقماق چېقىلاتتى.
پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.
ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، ئى خۇدا، ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، چاچقىن جۇلا.
ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.
خۇدا رەت قىلىپ يۈسۈپ چېدىرىنى، تاللىماستىن ئەفرايىم قوۋمىنى،
ئۇ خەلقىنى پادا كەبى باشلاپ ماڭدى چوپان بولۇپ، چۆل-باياۋان، جەزىرىدە پادىسىغا قويچى بولۇپ.
ئى خۇدا قۇتقۇزغىن مېنى، سۇ تۇمشۇقۇمغا يەتتى!
ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى، غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى.
قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا ئى خۇدا، بىپەرۋا بولمىغىن ئىلتىجايىمغا.
گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى، ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى، تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى.
ئېھ پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل بۆلگىن ئاھۇزارىمغا.
ئەجەبا، سەن رەزىللەرنىڭ ھىيلىلىرىگە كۈلۈمسىرەپ، ئۆزۈڭ ياراتقان ئادەملەرنى ئېزىپ، كەمسىتىپ، پايدا ئالالامسەن؟
پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەختتە ئولتۇرىسەن، سەن دۇنيادىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقلارنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرسەن.
مۇسا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىن، سەئىر زېمىنىدىن بىزگە زاھىر بولدى، پاران تېغىدىن نۇر چاچتى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەس پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئىدى، ئوڭ قولىدىن ئوت چاچتى.
قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە، مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە.