4 دەيمەن: ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟ ئادەم نەسلى نېمە ئىدى، شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟
ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان نېمىدى سەن ئۇنىڭغا نەزەر سالغۇدەك، ئادەم بالىسى نېمىدى سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟
ئىنسان دېگەن قانچىلىك نەرسە ئىدى، سەن ئۇنى شۇنچە مۇھىم بىلگۈدەك، ئۇنىڭغا شۇنچە دىققەت قىلغۇدەك،
ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە، نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە.
ئى خۇدا، سەن راستتىنلا ئىنسانلار بىلەن بىرگە زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟
«پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! چۈنكى، ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى.
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى.
قانات ئاستىڭغا ئالغايسەن ئۆزۈڭ تاللىغاننى، ئامان قىلغايسەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆستۈرگەننى.
لىچىنكىدەك ئادەمنى، قۇرتتەك ئىنساننى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن!»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن. سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟ خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟
ئى پەرۋەردىگار، ئالغايسەن مېنى ئېسىڭگە، ھىممىتىڭنى كۆرسەتكىنىڭدە ئۆز خەلقىڭگە. خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن نىجاتلىقىڭ كەلگەندە.
پەرۋەردىگار ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك، سارەگە بەخت ئاتا قىلدى.
يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت.
سىلەرنى ۋە بالىلىرىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىنىمۇ جايىدا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە شاپائەت قىلغان پۇرسەتنى پەرق ئېتەلمىدىڭلار، - دېدى.
ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ سەن بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.
ئەي ئىنسان بالىلىرى، قاچانغىچە دەپسەندە قىلىسىلەر مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى، قاچانغىچە قەدىرلەيسىلەر ئاساسسىز شىكايەتلەرنى، قاچانغىچە توقۇپ چىقىسىلەر ماڭا قارشى يالغانچىلىقلارنى؟ سېلاھ
ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.
خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى.
خۇدا يەنە: «كۈندۈزنى كېچىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىشتىكى بەلگە بولسۇن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى كەچتە ئۇلار لۇتنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، كىچىك قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ يەنە قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەچكە، يۈز بەرگەن ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدى.
توختىماستىن سۆزلىشەر ئۇلار ھەر كۈن، تەرىپلىشەر خۇدانى كېچە ۋە تۈن.
پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى، ئەمما خۇدا ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ دانالىقتا ئاسماننى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كېچىسى پارلايدىغان ئاي، يۇلتۇزنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.