Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 8:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 قارىسام مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانغا _ كۆككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يۇلتۇزلارغا ۋە ئايغا،

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 8:3
18 Referans Kwoze  

خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى.


يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا، يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا.


ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى، بۇنى تىلغا ئېلىشار ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلگەنلىرى.


ئى خۇدا، پەسىللەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئاينى ياراتتىڭ، قۇياشقىمۇ پاتىدىغان ۋاقىتنى بىلدۈردۈڭ.


ئاسمان، زېمىن _ پۈتۈن جاھان سېنىڭكىدۇر، ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە پەقەت سېنىڭ ئىجادىڭدۇر.


دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.


ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.


سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە: _ بۇ ئىشنى خۇدا قىلدى! _ دېيىشتى. بىراق دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.


خۇدا ئەرىشتە ئەمەسمۇ؟ قارا، يۇلتۇزلار نېمىدېگەن ئېگىزدە-ھە!


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار.


خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاش تاختىغا پەرزلەر خۇدا تەرىپىدىن ئۆز قولى بىلەن يېزىلغانىدى.


ئاي ۋە قۇياش، جىمى پارلاق يۇلتۇزلار، ئەرشئەلا ۋە كۆكتىكى ئەي سۇلار، مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى ھەممىڭلار.


ئەرش جاكارلار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى، ئاسمان نامايان قىلار ئۇنىڭ ئىجادىنى.


ئۇنىڭ نەزىرىدە ئايمۇ ئۇنچىلىك يورۇق، يۇلتۇزمۇ ئۇنچىلىك پاك ئەمەس تۇرسا،


ئۇنىڭ ساماۋى لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى كىم سانىيالايدۇ؟ ئۇنىڭ پارلاق نۇرى قەيەرنى يورۇتمايدۇ؟


سەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ماختاشنى ئۇنتۇما، كىشىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite