7 چۈنكى ئۇلار ۋەيران قىلدى ياقۇپنىڭ نەسلىنى، خانىۋەيران قىلىپ ئۇنىڭ ماكانىنى.
مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.
ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى: ‹بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ گۇناھ قىلمىدۇق. ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يايلىقىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانىدى.› دەيدۇ.
ئورماندىكى ياۋا توڭگۇز ئۇنى خاراب قىلماقتا، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلانماقتا.
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بوش قالدى. بۇ زېمىن دەم ئالدۇرۇلمىغان يىللارنىڭ سانى توشقۇچە يەتمىش يىل تاشلاندۇق يەر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان بۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى.
شەرقتە سۈرىيەلىكلەر، غەربتە فىلىستىيەلىكلەر ئېغىزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئىسرائىلىيەنى يۇتۇۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە بۇنچىلىك غەزەپلىنىۋەرمە، گۇناھلىرىمىزنى ئېسىڭدە مەڭگۈ ساقلىۋالمىغىن. قارىغىنە پەرۋەردىگار، بىزگە قارىغىنە، بىز ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز.