3 يېرۇسالېمدا دەريا قىلىپ ئېقىتتى ئۇلار، خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى. بىرەر تىرىك جاننىمۇ قالدۇرمىدى ھەتتا، كۆمگىلى جەسەتلىرىنى.
ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرىگە قۇلاق سالغانلارمۇ ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرىنىمۇ دەپنە قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ۋەيرانچىلىق ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق.
ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن كىشىلەر كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.
تۆكۈلدى، بۇ شەھەردە قانلىرى، پەيغەمبەرلەر، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەر يۈزىدە قىرغىن بولغانلارنىڭ.»
مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم.
يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز. سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.»
شۇنداق قىلىپ، بىگۇناھ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى بەرەكيانىڭ ئوغلى روھانىي زەكەرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان ھەممە بىگۇناھلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان قان قەرزلىرىگە جاۋاب بېرىسىلەر.
مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.
شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن تاكى بۇ چېتىگىچە ھەممە يەردە ياتىدۇ. ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ ياكى ئۇلارنى يىغىپ دەپنە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.
مەن ئۇلارنى ئوخشىمىغان تۆت خىل ئاپەت بىلەن جازالايمەن: مەن ئۇرۇش قوزغاپ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. جەسەتلىرىنى ئىتلارغا تالىتىمەن. قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى تىتىپ يەيدۇ.
«قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ، يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟ قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى، كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئەكېلىپ، ئۇلارنى ئەمالاردەك تىمىسقىلاپ ماڭدۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا قارشى گۇناھ قىلدى. ئۇلارنىڭ قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلىدۇ، جەسەتلىرى چىرىتىپ تاشلىنىدۇ.»