Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 78:71 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

71 يەنى بېقىشتىن ساغلىق قويلارنى، چاقىردى بېقىشقا ياقۇپ قوۋمىنى _ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئىسرائىللارنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 78:71
19 Referans Kwoze  

بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارمۇ سىلىگە: «خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، سەنمۇ مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باش بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېيىشتى.


بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگار خۇدامۇ سىلىگە: «خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، سەنمۇ مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باش بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېيىشتى.


قويچى قويلىرىغا ياخشى قارىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇدا سىلەرگە ئامانەت قىلغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار. بۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە رازىمەنلىك بىلەن قىلىڭلار؛ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، قىزغىنلىق بىلەن قىلىڭلار.


پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغايسەن ئۆز خەلقىڭنى، بەرىكەتلىك قىلغايسەن ئۆزۈڭگە تەۋە بولغانلارنى، چوپانى بولۇپ باققايسەن مەڭگۈ ئۇلارنى.


بىراق ياقۇپ: _ سىلى بىلىلا، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، موزاي، قوزىلارمۇ تېخى سۈتتىن ئايرىلمىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر بىز يەنە بىر كۈنلا ماڭساق، ھەممە كالا، قويلىرىمىز ھالاك بولىدۇ.


مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدىم.


ئاندىن سامۇئىل بىر قۇتا زەيتۇن يېغىنى سائۇلنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ: _ پەرۋەردىگارنىڭ سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا تەيىنلىدى.


«ئەي يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيتلەھەم، يەھۇدىيە رەھبەرلىرىنىڭ نەزىرىدە ئورنۇڭ مۇھىم. چۈنكى سەندىن چىققۇسى، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىسى» - دېيىشتى ئۇلار.


بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغان بۇ شەھەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى.


داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى قىرغان پەرىشتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا: _ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغانمۇ مەن، قويدەك بۇ خەلقتە نېمە گۇناھ؟ ئەگەر جازالىماقچى بولساڭ، مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite