22 ئىشەنمىدى ئۇلار خۇداغا، تايانمىدى ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا.
دېمەك، ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىدىغان كىشى ئۇنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىزدىگەنلەرگە ئىزدەش ئەجرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.
ئەي قېرىنداشلار، ھەرقايسىڭلار قەلبىڭلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ئېتىقادسىزلىققا تولۇپ، مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭلار.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چېدىر تىكىدىغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. كېچىدە ئوت، كۈندۈزى بۇلۇت بولۇپ، يول باشلىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق خەلق يەنىلا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشەنمىدى.
بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.
خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەق، دەپ بىلىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشى خۇدانى يالغانچى، دەپ قارىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن بولىدۇ.
سامارىيە شەھىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن سامارىيەنىڭ بېشى بولغان رىماليانىڭ ئوغلى پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ ئەگەر سەن ئېتىقادىڭدا چىڭ تۇرمىساڭ، پۇت تىرەپ تۇرالمايسەن!›»
ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى.
لېكىن ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماستىن، خۇددى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇداغا، يەنى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش بوينىنى قاتتىق قىلىپ كەلدى.
ئۇ ھېچكىمگە بويسۇنمىدى. ھېچكىمنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداغا يېقىنلاشمىدى.