Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 78:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئاڭلاپ بۇنى پەرۋەردىگار غەزەپلەندى، ياقۇپ نەسلىگە غەزەپ ئوتى چۈشتى، قەھرى ئۇنىڭ ئىسرائىل نەسلىگە تەگدى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 78:21
9 Referans Kwoze  

بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.


بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى.


چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ.


شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇدانى خۇرسەن قىلمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆلۈپ، جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا قالدى.


غەزىپى كېلىپ خۇدانىڭ ئۇلارغا، قىرىۋەتتى ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر پالۋانلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ ياراملىق ياش يىگىتلىرىنى.


غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.


كۆپچىلىك چېدىرلىرىدىن چىقىپ، ھەركىم ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ، زارلىنىشاتتى. مۇسا بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار خەلققە بەكمۇ غەزەپلەنگەنىدى، مۇسامۇ خاپا بولدى.


لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite