2 ھېكمەت بىلەن ئاچاي مەن ئاغزىمنى، بايان ئەيلەپ سىلەرگە ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى.
تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە، لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە.
چۈشەنگىلى بولار بۇ پەند-نەسىھەتلەردىن ئەقلىيە سۆزلەرنى، تەمسىللەرنى، ئاقىللارنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە تېپىشماقلىرىنى.
خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى دەرغەزەپكە كېلىپ، ئۇلارنى بۇ يەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ ئېلىپ، باشقا يەرلەرگە تاشلاپتۇ.» دەيدۇ.
مەن نېمىشقا قورقۇپ يۈرەي كۈلپەت كەلسە بېشىمغا، رەقىبلىرىمنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى ئەتراپىمنى قاپلاپ تۇرسا؟!
ئۆتمۈشتە مەن قىلغان ئىشلارنى ئويلاڭلار، مەن ھەقىقەتەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەن خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.