Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 78:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 مىسىردىكى زوئان دالالىرىدا، كۆرسىتىلگەنىدى مۆجىزە ئەجدادلىرىمىزغا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 78:12
15 Referans Kwoze  

ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.)


مىسىرنىڭ جەنۇبىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، زوئان شەھىرىگە ئوت قويىمەن، نو شەھىرىنى جازالايمەن.


زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەق، پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ: «مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى.» ئۇلار نەقەدەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن پىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن-ھە!


زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ، مېمفىس شەھىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز-ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ، مىسىردىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى مىسىرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ.


ئۇ مىسىردا كۆرسەتتى مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى، جازالىدى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى.


ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: _ مەن سېنى پىرئەۋن ئالدىدا خۇددى مەن خۇدادەك قۇدرەتلىك قىلىمەن. ئاكاڭ ھارۇن سېنىڭ سۆزلىرىڭنى بىر پەيغەمبەر خەلققە يەتكۈزگەندەك پىرئەۋنگە يەتكۈزىدۇ.


كارامىتىنى كۆرسىتىپ قىزىل دېڭىزدا، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقۇچىنى.


سەن پىرئەۋن، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر.


بىز پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى، قورقۇنچلۇق مۆجىزىلىرىنى ھەمدە مىسىرنى، پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى قانداق جازالىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.


ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،


_ بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا توغرىسىدا ئاڭلاپ، يىراق جايدىن كەلگەن خىزمەتكارىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مىسىردا سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق.


بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite