Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 77:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇ كېچىلەر، ئېيتقان مۇناجاتلىرىم بىلەن تولغانىدى، ئۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى:

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 77:6
14 Referans Kwoze  

كۈندۈزى كۆرسىتەر پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى، كېچىسى ئاتا قىلار ئۇ ماڭا مەن ئېيتىدىغان ناخشامنى، ھاياتىمنىڭ ئىگىسى خۇداغا بېغىشلىغان مۇناجاتلىرىمنى.


خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ


تۈن يېرىمىغا يېقىن، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.


قاراپ باقايلى يولىمىزغا، قايتايلى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا.


كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: «مەن دانالىقتا يېرۇسالېمنىڭ مەندىن بۇرۇن ئۆتكەن ھەرقانداق بىر ھۆكۈمرانىدىن ئېشىپ كەتتىم. دانالىق ۋە ئىلىمدە ناھايىتى كۆپ تەجرىبىگە ئېرىشتىم.»


مەن خۇداغا مۇنداق دەيمەن: ماڭا گۇناھ ئارتمىغىن، ئېيتقىنا قېنى، ماڭا قارشى نېمە شىكايىتىڭ بار؟


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.


لېكىن ھېچكىم: ‹مېنى ياراتقان خۇدا نەدە؟› دەپ سورىمايدۇ. كېچىلىرى ئۆزلىرىگە ئۈمىد بەرگەن خۇداغا ئىلتىجا قىلمايدۇ.


ئەسلەپ بېقىڭلار ئۆتمۈشۈڭلارنى، سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار تارىخىڭلارنى. سورىساڭلار ئاتاڭلاردىن، سۈرۈشتۈرسەڭلار ئاقساقاللاردىن، جاۋاب بېرىدۇ ئۇلار.


شۇڭا روھىم سىقىلىپ بۇرۇقتۇم بولدى، ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلۈپ كۆڭلۈممۇ قايغۇغا تولدى.


ئەسلەيمەن بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى، سېغىنىمەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى، ياد ئېتىمەن سېنىڭ قىلغان ئەجىرلىرىڭنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite