3 ئاھۇزار چەكتىم ئى خۇدا، سېنى سېغىنىپ، يوقىتار بولدۇم ئۆزۈمنى، سېنى ياد ئېيتىپ. سېلاھ
چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا، يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.
مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم. چۈنكى مەن خۇدانىڭ بالا-قازاسىدىن قورقىمەن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى كۆتۈرەلمەيمەن.
بىز جازالاندۇق گۇناھلىرىمىز ۋەجىدىن، قانداقمۇ ئاغرىنايلى خۇدادىن؟
مېنى قورقۇتمىغىن! سەن مېنىڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى پاناھگاھىمدۇرسەن.
ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.
شۇڭا مەن ئۈنسىز تۇرالمايمەن، يۈرىكىمدىكى ھەسرەتلىرىمنى ئېيتىمەن، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكىمەن.
ماڭا ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوقلىرى تەگدى، روھىم ئۇنىڭدىكى زەھەرنى سۈمۈرمەكتە، خۇدا مېنى ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن قورقۇتماقتا.
يوقاتتى ئۇ تىنچلىقىمنى، ئۇنتۇدۇم شادلىقنىڭ نېمىلىكىنى.
ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ بولدى قىلمىدى. ئۇ: _ مەن تاكى ئۆلگۈچە ئوغلۇمغا قارىلىق تۇتىمەن! _ دېدى. ئۇ ئوغلى يۈسۈپ ئۈچۈن داۋاملىق ھازا تۇتتى.
خۇدانىڭ تەسەللىسى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقان مۇلايىم سۆزلىرى ئازمىدى؟
چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»
ئورنۇمدا يېتىپ، كېچىچە ئىنتىزار بولدۇم ئاشىقىمغا، لېكىن ئۇ كەلمىدى ئۆيۈمگە.
ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق. سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە، بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق.