Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 76:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8-9 ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئۈچۈن سەن ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭدا، يەر-زېمىننى باستى قورقۇنچ سۈكىناتى، ئى خۇدا. جاكارلىدىڭ ئەرشئەلادا تۇرۇپ بۈيۈك ھۆكۈمۈڭنى، قۇتقۇزماق بولۇپ جاھاندىكى بارلىق ئېزىلگەنلەرنى. سېلاھ

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 76:8
16 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىدۇر، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا جىم تۇرسۇن.»


ئەي ئىنسانلار، مېنىڭ ئالدىمدا سۈكۈتتە تۇرۇڭلار! چۈنكى مەن مۇقەددەس ماكانىمدىن قوزغىلىپ كەلمەكتىمەن.»


دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»


جەڭ قىلدى يۇلتۇزلار ئۆز جايلىرىدىن، ئۇرۇش ئاچتى سىسىراغا ئەرشتىن.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار بۈگۈن ۋە ئەتە كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.


_ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە يازمىدىكى ئەمرلەرگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. سىلەر بېرىپ، تېپىلغان مۇشۇ يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا مەن ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراڭلار.


ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما، ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە، ئۈستۈن بولغاچ ئۇ بارلىق «ئىلاھلار»دىن، پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە.


«ئى پەرۋەردىگار، ئەرشئەلادىكى خۇدا! سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن.


«خۇدا ھەممىگە ھوقۇقلۇق ھەم سۈرلۈكتۇر، ئۇ ئەرىشتە تىنچلىق ئورناتقۇچىدۇر.


پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر. ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر. ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ. ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.


ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟


خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite