2 تۇرار جايى سىئوندىدۇر، مۇقەددەس چېدىرى سالېمدىدۇر.
ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالېمنىڭ پادىشاھى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ،
ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»
ئەمدى خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى، خەلقىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.
ئۇ خۇددى ۋەيران قىلغاندەك بېغىدىكى كەپىسىنى، ۋەيران قىلدى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى. ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن ئۇچرىشىش جايىنى ۋەيران قىلدى، بىكار قىلدى سىئوندا بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى، ئۇ قەھرى بىلەن رەت قىلدى پادىشاھ ۋە روھانىيلارنى.
ئېغىر كۈنلەر كەلگىنىدە بېشىمغا، ئالار ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا. چىقىرىپ مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز جايغا، يوشۇرۇپ قۇيار مۇقەددەس چېدىرىغا.
كۈيلەڭلار سىئوندا ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى، بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى.
بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى، شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ. ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك، تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ.