Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 76:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 76:10
20 Referans Kwoze  

خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا مىسىرنىڭ پادىشاھىغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت، پەقەت سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۈچۈمنى ئايان قىلىپ، نامىمنى پۈتۈن يەر-زېمىنغا تارقىتىشتۇر.»


ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن، ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.


خەلقلەر غەزەپلەنگەنىدى. ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىش، خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، شۇنداقلا ئەرزىمەس ياكى كاتتا بولسۇن، نامىڭنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەنلەرنى ئىنئامغا ئىگە قىلىش، يەر يۈزىنى گۇمران قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى.»


تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.


گۇمران بولدى شاھلىقلار، غوۋغا كۆتۈرۈپ خەلقلەر. جاراڭلىسا رەببىمىزنىڭ ئاۋازى يەر-زېمىن ئېرىپ كېتەر.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى خارلىغاندا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپتۇ، _ دېدى.


سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يامان نىيىتىڭلارنى ياخشىلىققا ئايلاندۇردى. مانا بۈگۈن شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى.


دېڭىز سۈيى تېشىپ يەنە باسمىسۇن دەپ زېمىننى، سەن ئۇلارغا چەك قويۇپ سىزدىڭ چېگرا سىزىقنى.


تونۇردا يەتتە قېتىم تاۋلانغان ساپ كۈمۈش كەبى، چىن سۆزلەردۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى.


سوراق قىلغىن يەر يۈزىگە كېلىپ ئى خۇدا، چۈنكى پۈتكۈل خەلقلەر تەۋەدۇر ساڭا.


ئۇ كەمبەغەللەرگە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ. ئۇ سۆزلىرى بىلەن ئادەملەرنى كالتەكلەيدۇ، ئۇ نەپىسى ئارقىلىق رەزىل ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ.


بىراق، ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا: - يازىدىغىنىمنى يازدىم! - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite