8 كۆڭۈللىرىدە ئويلاپ ئۇلار «بويسۇندۇرايلى بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى»، كۆيدۈرۈۋەتتى خۇدانىڭ زېمىندىكى مۇقەددەس جايلىرىنى.
دەيدۇ ئۇلار: «يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئىسرائىللارنى، ئېلىنمىسۇن ئىككىنچى ئېغىزىمىزغا ئۇلارنىڭ نامى.»
ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.
ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»
ئېرى ئۇنىڭغا: _ يا يېڭى ئاي بايرىمى، يا دەم ئېلىش كۈنى بولمىسا، ئۇنىڭ قېشىغا نېمىدەپ بۈگۈن بارىسەن؟ _ دېدى. ئايالى: _ ھېچ ئىش يوق، ئەنسىرىمىسىلە، _ دېدى.
ئېرىخادىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئېلىشانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا: _ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى.
بەيتەلدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئېلىشادىن: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا: _ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشتى.
ئۇلار بىرگە مەسلىھەتلەر قىلىشماقتا، ساڭا قارشى ئىتتىپاقمۇ تۈزۈشمەكتە.