1 تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟
پەرۋەردىگار بۇنداق ئادەمنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاتتىق قەھر-غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلار ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى دۇنيادىن يوقىتىدۇ.
بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار يېگانىدۇر، بىزنى ئۇ ياراتقاندۇر، بىز ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز، بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، يايلىقىنىڭ قويلىرىدۇرمىز.
بىز سېنىڭ ئۆز قوۋمىڭ، قوي پاداڭدۇرمىز، ساڭا مەڭگۈ ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىمىز، مەدھىيەمىزنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئېتىمىز.
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدىكى قوۋمدۇرمىز، ئۇ پەرۋىش قىلىۋاتقان قويلىرىدۇرمىز.
بىراق سەن ھازىر بىزنى تەرك ئېتىپ، قالدۇردۇڭ ئاھانەتكە، چىقمايسەن ھەتتا قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىرگە جەڭگە.
- قوزىلىرىم، قورقماڭلار! سىلەر ئاز ۋە ئاجىز بولساڭلارمۇ، ئاتاڭلار ئۆز پادىشاھلىقىدىن سىلەرنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇشۇڭلارنى لايىق كۆردى.
ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ يايلىقىمدىكى پادىلىرىمدۇرسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاسماننى ئۆلچەش، زېمىننىڭ ئۇلىنى تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندەك، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى تاشلىۋېتىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «خەلقىمنىڭ سەركىلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار خەلقىمنىڭ ۋەيران بولۇپ، چېچىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.»
ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟! ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟
رەببىم مېنى مەڭگۈگە تەرك ئېتەرمۇ؟ ئەمدى ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلماسمۇ؟
ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنى چوقۇم جازالايمەن. مېنىڭ قويلىرىم قويچىسىز قېلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولماقتا. مېنىڭ قويچىلىرىم بولغان سىلەر قويلىرىمنى ئىزدىمىدىڭلار. سىلەر قويلىرىمنى باقماي، ئۆزۈڭلارنى باقتىڭلار.
ئەي خەلقىم، قۇلاق سالغىن تەلىمىمگە، زېھنىڭنى بەر مېنىڭ ھەربىر سۆزلىرىمگە.
ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟ بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ.
ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى، غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى.
ئېيتارمەن قورام تېشىم خۇداغا: ئۇنتۇپ قالدىڭ نېچۈن مېنى؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟
چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۈيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.
ئى پەرۋەردىگار، نېچۈن مەندىن قېچىپ تۇرىسەن يىراقتا، نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا؟
لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە نېمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىسەن؟ ئۇلارنى سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقمىغانمىدىڭ؟
مەن خەلقىم ئىچىدىكى بالا-قازادىن ھايات قالغانلاردىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ ئولجىسى ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى بولۇپ قالىدۇ.
قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە، مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە.
ئۆچمەس مۇھەببىتى ئەمدى بىزگە ئۆچتىمۇ؟ ۋەدىلىرى مەڭگۈگە ئىناۋەتسىز بولدىمۇ؟
قايغۇ بەردىڭ نان ئورنىغا يېيىشكە، چېلەك-چېلەك ياشنى بەردىڭ ئىچىشكە.
شادلىنىشى ئۈچۈن سەندىن خەلقىڭنىڭ بىزنى قايتا گۈللەندۈرۈپ قويمامسەن؟
لېكىن پەرۋەردىگار، سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىز، بىز لاي، سەن كۇلالچى، بىز سېنىڭ قولۇڭدا ياسالغان.