Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 73:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەرشكە قارشىدۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى، قۇرۇق سۆزلەر ھەممە يەردە تىللىرى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 73:9
9 Referans Kwoze  

ئۇ خۇداغا، خۇدانىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، يەنى ئۇ يەردە ياشايدىغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچتى.


تىل دەل شۇ ئوت ئۇچقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھەر خىل قىلمىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئەزالىرىمىز ئىچىدىكى بۇزغۇنچى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىزنى بۇلغىيالايدۇ. بۇ ئوت دوزاخ ئوتىدىن يېقىلسا، ھاياتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.


پىرئەۋن ئۇلارغا: _ مېنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بەرگۈزگۈدەك قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن. ئىسرائىللارنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى.


ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.


ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر ھازىرلا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.


شۇڭا سىلەر خىزكىيانىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا ۋە ئازدۇرۇشىغا يول قويماڭلار ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ ۋە پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئەجدادلىرىمنىڭ قولىدىن ياكى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمىغان يەردە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار سىلەرنى قولۇمدىن قانداق قۇتقۇزالىسۇن؟»


لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن،


ئامراقسەن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىغان يالغان سۆزلەرگە، شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى يوقىتىدۇ مەڭگۈگە. تۇتۇۋېلىپ ئۇ سېنى تارتىپ چىقار ئۆيۈڭدىن، يىلتىزىڭنى يۇلۇپ تاشلار بۇ پانىي ئالەمدىن. سېلاھ


ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن نېرى بول، سېنىڭ يولۇڭنى ئۆگەنگۈمىز يوق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite