4 تاكى ئۆلگۈچە ياشايدۇ غۇربەتسىز ئۇلار، تېنى سالامەت، بەدىنى مەزمۇت بولار.
كېيىن، بۇ تىلەمچى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىپ ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بايمۇ ئۆلۈپ، يەرلىككە قويۇلۇپتۇ.
چۈنكى نادان ئادەملەر ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە ئوخشاش دانا ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ ھەممىسى بىردەك ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. ئەپسۇسكى، دانا ئادەملەرمۇ نادان ئادەملەردەك ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن. پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى، نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى. پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى، بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى.
تاشتەك قاتتىقتۇر ئۇلارنىڭ باغىرلىرى، چوڭ سۆزلەيدۇ ھەم ئېغىزلىرى.
ئۇلارنى تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇيدۇ، تېنى قۇرتلارغا يەم بولىدۇ. ئۇلارنى ئەسلەيدىغان ھېچكىم قالمايدۇ، رەزىللەر خۇددى قۇرۇپ كەتكەن دەرەختەك سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.
بۇ بىھۇدە ھاياتتا نۇرغۇن ئىشلارنى كۆردۈم. ياخشى ئىش قىلىدىغان ئادەملەر ھەققانىي بولسىمۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئەكسىچە يامان ئادەملەر يامان ئىش قىلسىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن.
ئۇلارنىڭ يۈزى گۆشكە، بېلى مايغا تولغانىدى.
ئۇلار بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشاپ، خاتىرجەم ھالدا باقىي دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.
ئۇلار بوردىلىپ، سەمرىپ كەتكەن، ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلارنىڭ چېكى يوق. ئۇلار ئادىللىقنى ئىزدىمەيدۇ، ئاتىسىز يېتىملەرنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمايدۇ.