22 چۈنكى مەن ھاماقەت، نادان ئىكەنمەن، ئالدىڭدا گويا ئاڭسىز ھايۋان ئىكەنمەن.
كۆڭلۈمدە يەنە ئىنسان توغرۇلۇق شۇنداق دېدىم: «خۇدا ئادەم بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.»
تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بىلمەس نادان ئادەملەر، چۈشەنمەيدۇ ئۇنى يەنە ھاماقەت ۋە ئەخمەقلەر.
بىلىمىز دانىشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم شەربىتى ئىچىدىغانلىقىنى، نادان ۋە ئەخمەقلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدىغانلىقىنى. ئۇلار ھامان قالدۇرۇپ كېتەر باشقىلارغا مال-مۈلكىنى.
ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ، خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!»
ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى مەن ئىكەنمەن، ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىل مەندە يوق ئىكەن،
ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما، قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.
ئى خۇدا، نادانلىقىم ساڭا ئايان، مېنىڭ يەنە قەبىھلىكلىرىم _ يوشۇرۇن ئەمەس، ساڭا ئايان.
بىزنى نېمىشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ھايۋاندەك دۆت كۆرىسەن؟
گەرچە ئوت-چۆپ ئۆسكەندەك تېز ئۆسسىمۇ رەزىللەر، شۇنچە گۈللەپ ياشنىسىمۇ ھەمدە بارلىق پەسكەشلەر، لېكىن مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە دۇچاردۇر ئۇلار.