Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 73:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 مەن بۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشقاندا بۇلار شۇنچە ئېغىر بىلىندى ماڭا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 73:16
10 Referans Kwoze  

مەن خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى ئويلىدىم. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھېچكىم خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەقىقىي بىلمەيدىكەن. ئىنسانىيەت ئۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن ھېچكىم چۈشىنەلمەيدىكەن. ھەتتا دانا بىر ئادەم «مەن بىلدىم!» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ھەقىقىي بىلمەيدىكەن.


ئاھ! خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:


سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار.


سەن دېڭىزدىن يول ئاچقانىدىڭ، ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈشكە ئىمكان قىلدىڭ، لېكىن ئەسلا كۆرۈنمەس ئىدى ئىزىڭ.


سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.


ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىيلىقىڭ ئوخشار بۈيۈك تاغلارغا، ھۆكۈملىرىڭ دېڭىز-ئوكيان چوڭقۇرلۇقىغا، غەمخورلۇق قىلىسەن ئىنسان ھەم ھايۋانغا.


مەن يەنە كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئاخىرى شۇنى بىلدىمكى، بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite