14 نېمە ئۈچۈن كۈنبويى ئازابتىمەن، نېمە ئۈچۈن ھەر سەھەردە جازادىمەن.
خۇدانىڭ سىلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟ «پەرزەنتىم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلىشىدىن روھسىزلانما،
بەختلىكتۇر سەن تەربىيەلىگەن كىشى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان تەربىيەڭدىن، تەلىمىڭدىن بەخت تاپار!
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر سىلەرنىڭ ھەر خىل سىناقلار تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ، ھەسرەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار.
«يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدىن يالغۇز سىلەرنىلا تاللىدىم. لېكىن سىلەر گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى جازالايمەن.»
نېمە ئۈچۈن مەن دائىم ئازاب چېكىمەن؟ نېمىشقا يارىلىرىمنى ساقايتمايسەن؟ نېمىشقا ئۇلار ساقايمايدۇ؟ سەن يازدا قۇرۇپ كېتىدىغان ئېرىققا ئوخشاش، مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچىمۇ؟
كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار.
يېڭى كۈلپەتلىرىڭ بىلەن ماڭا بولغان نارازىلىقىڭنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىڭ، ماڭا بولغان غەزىپىڭ تولۇپ تاشتى، ئادەملىرىڭ نۆۋەت بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.
ئەجەبا، سەن رەزىللەرنىڭ ھىيلىلىرىگە كۈلۈمسىرەپ، ئۆزۈڭ ياراتقان ئادەملەرنى ئېزىپ، كەمسىتىپ، پايدا ئالالامسەن؟
ھەر سەھەردە ئۇنى كۆزەتكۈدەك، ھەر دائىم سىنىغۇدەك؟