12 يامانلار مانا شۇنداق رەزىل بولار، ئۇلار دائىم راھەتتە، بايلىق توپلار.
«قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن.
ئۇلار بوردىلىپ، سەمرىپ كەتكەن، ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلارنىڭ چېكى يوق. ئۇلار ئادىللىقنى ئىزدىمەيدۇ، ئاتىسىز يېتىملەرنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمايدۇ.
ئۇلار زىرائەتلىرىڭلار ۋە يېمەكلىكىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ، چارۋا ماللىرىڭلارنى يەپ بولىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلار ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلارنى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ. ئۇلار سىلەر ئىشەنگەن مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.»
تايانما زومىگەرلىككە، ئۈمىد باغلىما بۇلاڭچىلىققا. ئەگەردە بايلىقىڭ ئاۋۇسا، كۆڭۈل بەرمە ئۇنىڭغا.
مال-مۈلكىگە ئىشىنەر ئۇلار، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماختىنار.
كۆرگەنمەن رەزىل، زوراۋاننىڭ روناق تاپقىنىنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۈك-باراقسان دەرەختەك بولغىنىنى.
ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن. پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى، نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى. پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى، بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى.