Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 73:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 دەر رەزىللەر: «ئۇلۇغ خۇدا ھەممىنى بىلەرمۇ؟ بىلسە ئۇ قانداق بىلەر؟»

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 73:11
10 Referans Kwoze  

ئۇ چاغدا مەن يېرۇسالېمنى چىراغ بىلەن يورۇتۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىمەن. گۇناھقا پېتىپ ئولتۇرغان بىپەرۋا گۇناھكارلارنى، يەنى ‹پەرۋەردىگار ياخشىلىقمۇ قىلمايدۇ، يامانلىقمۇ قىلمايدۇ› دېگۈچىلەرنى جازالايمەن.


لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتىدىغانلىقىمنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى ئۆزلىرىنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى دائىم ئالدىمدا ئاشكارىدۇر.


ئۇلار دەر: «كۆرمەيدۇ پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىلمەيدۇ زىنھار.»


ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بۇتلىرى بىلەن يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار: «بىزنى پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى» دەپ ئويلايدۇ.


ئەرشكە قارشىدۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى، قۇرۇق سۆزلەر ھەممە يەردە تىللىرى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.


دەر يامانلار كۆڭۈللىرىدە: «ئۇنتۇپ قالدى خۇدا بىزنى، نەزەر سالمايدۇ ھەرگىز بىزگە، يۇمۇۋالغاندۇر كۆزلىرىنى.»


يامانلار ئىزدىمەس خۇدانى ھاكاۋۇرلىقىدا، خۇدا يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىدا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite