9 چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار تىز پۈكەر ئۇنىڭغا، رەقىبلىرى مەغلۇپ بولار مىلىنىپ توپا-چاڭغا.
شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»
ئۇلار يىلاندەك، يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ، ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.
مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!»
ئۇ ھۆكۈم چىقىرار خۇداسىز خەلقلەرگە، باشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر يەر يۈزىدە، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تولدۇرار جەسەتلەرگە.
پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە: «ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا، مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.»
سەجدە قىلار پەرۋەردىگارغا دۇنيادىكى گۈللەنگەن بايلار، تىز پۈكەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا گۆر ئاغزىغا بېرىپ قالغانلار.
تۆمۈر كالتەك بىلەن ۋەيران قىلىسەن قارشىلاشقانلارنى، ساپال قاچىنى چاققاندەك پارە-پارە قىلىسەن ئۇلارنى.»
بائالات ۋە چۆلگە جايلاشقان تامارنى مۇستەھكەملىدى.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا: _ بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سەنلا قارغىشقا قالىسەن: «ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن.