7 روناق تاپقاي ھەققانىيلار ئۇنىڭ زامانىدا، تىنچلىق بولغاي زېمىندا تاكى ئاي نۇر بېرىشتىن توختىغىچە ئاسمانغا.
ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوراق ئېلىپ بارىدۇ، ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. ئۇلار قىلىچلىرىدىن ساپان سوقىدۇ، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان قايچا قىلىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ.
ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتنىڭ قۇياشى چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر.
خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار، ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.
«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن! ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.
سانى ئازلىرى چوڭ مىللەتكە ئايلىنىدۇ، ئاجىزلىرى كۈچلۈك ئەل بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگار ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئىشنى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.
ئېتىقادچىلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تېگىشلىك پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بارىغا ئورتاق ئىدى.
ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى چەكسىزدۇر، - دېدى.
ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتماقتا.
پادىشاھ سۇلايمان زامانىدا داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقلىرى ئۆزىنىڭ ئۈزۈم باراڭلىرى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ياشىدى.
لېكىن ھازىر پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا ھەر جەھەتتىن خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى. دۈشمەنلىرىم قالمىدى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىمۇ قالمىدى.
مەن ئىسرائىلىيەدىن جەڭ ھارۋىلىرىنى، يېرۇسالېمدىن جەڭ ئاتلىرىنى يوقىتىمەن. ئۇرۇش قوراللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاندىن ئۇ ئەللەرگە تىنچلىق جاكارلار. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، فىرات دەرياسىدىن تېخىمۇ يىراق بولغان زېمىننىڭ چېتىگىچە بولىدۇ.