5 ئى خۇدا، بەندىلىرىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىخلاس قىلغاي ساڭا، تاكى كۈن ۋە ئاي پارلاپ تۇرغۇچە ئاسماندا.
ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىي بولىدۇ، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ.
نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»
بارلىق شان-شەرەپ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلۇغ خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.»
ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.
ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
ئەۋلادلىرىنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، تەختىنى ئۇنىڭ ئاسمان كەبى داۋام قىلدۇرىمەن.
روناق تاپقاي ھەققانىيلار ئۇنىڭ زامانىدا، تىنچلىق بولغاي زېمىندا تاكى ئاي نۇر بېرىشتىن توختىغىچە ئاسمانغا.
پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.
ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇردى. شۇنىڭ بىلەن خەلق پەرۋەردىگاردىن ھەم سامۇئىلدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىشتى.