3 تاغلار ئېلىپ كەلگەي خەلقلەرگە مەمۇرچىلىق، ئادالەتتىن ئېدىرلارمۇ بەرگەي باياشاتلىق.
تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، تاغلاردىن تاتلىق شەربەت تامىدۇ. ئېدىرلىقلاردا سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدىيەدىكى بارلىق جىلغىلاردا سۇلار دولقۇنلايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بىر بۇلاقتىن سۇ ئېقىپ كېلىپ، شىتتىم ۋادىسىنىڭ قۇرۇق يەرلىرىنى سۇغۇرىدۇ.
خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.
ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي، ئېدىرلاردا ھەتتا باشاق ئوخشىغاي. ھوسۇللار لىۋان تاغلىرىدىكى ئورمانلاردەك زىيادە بولغاي، شەھەر ئاھالىلىرى يايلاقتىكى چۆپتەك روناق تاپقاي.
قويۇق ۋە ئەلۋەك بولار دالادىكى ئوتلاقلار، تاغ-داۋانلارمۇ بېلىنى شادلىق كەمىرىدە باغلار.
ئەي ئاسمان، سەندىن يامغۇر ياغقاندەك، ھەققانىيلىق ياغسۇن، بۇلۇتلاردىن قۇيۇلسۇن! يەر بۇنى ئىچىۋېلىپ، ھەققانىيلىق بىلەن نىجاتلىقنى ئۆستۈرسۇن! بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.»
تۇچنىڭ ئورنىغا ئالتۇن، تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈش، ياغاچنىڭ ئورنىغا تۇچ، تاشنىڭ ئورنىغا تۆمۈر ھەدىيە قىلىمەن. ئامانلىقنى يېتەكچىڭ، ھەققانىيلىقنى نازارەتچىڭ قىلىمەن.