Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 72:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي، ئېدىرلاردا ھەتتا باشاق ئوخشىغاي. ھوسۇللار لىۋان تاغلىرىدىكى ئورمانلاردەك زىيادە بولغاي، شەھەر ئاھالىلىرى يايلاقتىكى چۆپتەك روناق تاپقاي.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 72:16
23 Referans Kwoze  

ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.


لېكىن، ئەلچىلەرنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىدىغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى.


نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قوشۇلدى.


شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئېتىقادچىلاردىن بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن كىشى جەم بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پېترۇس ئۆرە تۇرۇپ مۇنداق دېدى:


خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.»


ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ! چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ. ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.


سىلەرگە يەنىلا بەخت ھەمراھ بولىدۇ. ئېرىق بويلىرىغا ئۇرۇق چاچىسىلەر، كالا ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئەركىن ئوتلاشقا قويۇپ بېرىسىلەر.


بۇ ئەھۋال خۇدا ئۆز روھىنى ئەرشتىن بىزگە چۈشۈرگۈچە داۋاملىشىدۇ. ئۇ چاغ كەلگەندە قاقاسلىقلار مۇنبەت زېمىنغا ئايلىنىدۇ. بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.


پەرۋەردىگار ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ.


قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لىۋان مۇنبەت بىر زېمىنغا ئايلىنىدۇ، بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.


لىۋاندىكى كېدىر دەرەخلىرى پەرۋەردىگار تىككەندۇر ئۇنى، خۇدا قانغۇچە سۇغىرار ئۇلارنى.


يامغۇر كەبى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانى، ياشارتقاي يېڭىدىن ئورۇلغان ئوتلاقلارنى، يېغىن بولۇپ سۇغارغاي يەر-زېمىننى.


دەسلەپكى ئەھۋالىڭ باياشات بولمىسىمۇ، كېيىن گۈللىنىسەن.


ئەۋلادلىرىڭنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، خۇددى ئوت-چۆپتەك مول بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن.


يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى.


- تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite