Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 71:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ھامىلە ۋاقتىمدىن باشلاپ ساڭا تاياندىم، ئانامنىڭ قورسىقىدىن سەن ئۆزۈڭ چىقاردىڭ، شۇندىن بۇيان مەدھىيەمنى ساڭا ئاتاپ كەلدىم.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 71:6
16 Referans Kwoze  

_ مەن سېنى ئاناڭنىڭ قورسىقىغا تۆرەلدۈرۈشتىن بۇرۇنلا بىلەتتىم. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن سېنى ئۆزۈمگە ئايرىۋېلىپ، زېمىندىكى خەلقلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلىدىم.


لېكىن، خۇدا مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدىلا تاللىدى ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن چاقىردى.


ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كېلىش، ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا توپلاش ئۈچۈن، ئۇ مېنى قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ ياراتتى. مەن قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلدى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىزدۇرمەن، خۇدايىم مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار،


قۇلاڭ سېلىڭلار، ئەي دېڭىز بويلىرىدىكى ئەللەر! دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار، ئەي يىراقتىكى خەلقلەر! مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى، مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىردى.


تەرىپلەيمەن ھەر دائىم پەرۋەردىگارنى، چۈشۈرمەسمەن ئاغزىمدىن مەدھىيەلەشنى.


ھازىر سىلەر يەنىلا ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ ئاتىمىز! ياشلىقىمىزدىن بۇيانقى دوستىمىزسەن.


سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،


بىراق ئۆزۈم ئۈمىدسىز بولمايمەن زىنھار، ساڭا بولغان ئالقىشلىرىم بارغانچە ئاشار.


ھەممە ئىشلاردا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەمىشە خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


كەتمىگىن تاشلاپ مېنى يىراققا، كەلمەكتە كۈلپەتلەر قىستاپ مېنى، ياردەم قىلماس ھېچكىم ماڭا.


بەختلىكتۇر ئىشەنچ باغلىغانلار پەرۋەردىگارغا، چوقۇنمىغانلار ساختا ئىلاھلارغا، يۈرمىگەنلەر بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite