زەبۇر 71:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 لەببەي بولۇپ ئالدىڭدا، مەدھىيەلەيمەن بۈيۈك ئىشلىرىڭنى رەببىم خۇدا، جاكارلايمەن ھەققانىي دەپ پەقەت سېنىلا. Gade chapit la |
مەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى بايان قىلىمەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىشلارنى قىلغان، ئۇ بىز ئىسرائىللار ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ شاپائەتلىك ئىشلارنى قىلغان. پەرۋەردىگار ئۆز شاپائىتى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان.