15 ئاغزىمدىن چۈشمەس ئادالىتىڭ ۋە نىجاتىڭ، ئەقلىم يەتمەيدىغان ئاشۇ ئاجايىپ ئىشلىرىڭ.
ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ، بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ. سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ، يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ.
بايان ئەيلەر تىلىم ئادالىتىڭنى، كۈنبويى مەدھىيەلەيمەن سېنى.
ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ھەر كۈنى ساڭا، ئاپىرىن ئوقۇيمەن مەڭگۈ نامىڭغا.
ئاغزىمدىن ئەسلا چۈشمەس ساڭا ھەمدۇسانالار، چۈشمەس شان-شەرىپىڭنى ئالقىشلىغان سادالار.
نامىڭ بىلەن ئۇلار دائىم شاد بولار، ئادالىتىڭدىن سۆيۈنۈپ تەنتەنە قىلار.
تىلىم ھەمىشە بايان ئەيلەر سېنىڭ ئادالىتىڭنى، چۈنكى رەسۋا قىلىپ يىقىتتىڭ شۇم نىيەتتە بولغانلارنى.
شۇڭلاشقا ۋۇجۇدۇم سۈكۈت قىلماي ئوقۇسۇن ھەمدۇسانا، ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، شۈكۈر ئېيتاي مەڭگۈ ساڭا.
چىرمىۋالدى ھەددى-ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى، كور بولدۇم، گۇناھلىرىم توسۇۋالغاچ كۆز نۇرۇمنى. بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ بولغاچقا گۇناھلىرىم، تەرك ئەتتى جىسمىمدىن جاسارىتىمنى.
ئاڭلاڭلار قۇدۇق بېشىدىكى سازچىلارنىڭ نەغمىسىنى، ئۇلار بايان قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسىنى، ئىسرائىل دېھقانلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتقىنىنى. يېتىپ كەلدى قوۋۇقلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى.
ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، ئەي جاھان ئەھلى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.
ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى، ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى. ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى.
ئىستىمەيسەن قۇربانلىق قىلىشنى، بولمىسا قىلار ئىدىم ئۇنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلساممۇ خۇرسەن قىلماس كۆڭلۈڭنى.
شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا، پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە، بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە.
شۇندا ئايرىلماس ئەقىل-ئىدراك سەندىن، دۇرۇس سۆزلەر تۆكۈلەر لەۋلىرىڭدىن.