3 مەسخىرە قىلىپ، كۈلگەنلەر ماڭا، شەرمەندە بولۇپ قايتسۇن ئارقىغا.
مىيىقىدا كۈلگەنلەر قىلىپ مېنى مەسخىرە، ئەندىشە ئىچىدە بولسۇن شەرمەندە.
(يەھۇدا قىلغان ئەسكىلىكى بەدىلىگە ئىگە بولغان پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، شۇ يەردە باشچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ ئۆلدى.
_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن تىر شەھىرى خۇشال بولۇپ: «سودا مەركىزىنىڭ دەرۋازىلىرى ۋەيران بولدى. ئەمدى ماڭا سودا يولى ئېچىلدى، ئۇ ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن باي بولۇپ كېتىمەن» دەيدۇ.
ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. مۇقەددەس ئىبادەتخانام بۇلغىنىپ، ئىسرائىلىيە زېمىنى خارابلىشىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنغاندا سىلەر خۇشال بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن،
يول قويمىغىن، «ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى» دېيىشكە ئۇلارنى، يول قويمىغىن، «بىز ئاخىر يۇتۇۋالدۇق ئۇنى» دەپ ماختىنىشقا ئۇلارنى.
ۋارقىرىشار ئۇلار ماڭا چوڭ ئېچىپ ئېغىزلىرىنى: «ۋاي، كۆردۇق ئۆز كۆزىمىز بىلەن قىلمىشلىرىڭنى.»
مېنى قارىلىغۇچىلار شەرمەندە بولۇپ يوق بولسۇن، ماڭا قەست ئويلىغانلار رەسۋا بولۇپ جاق تويسۇن.
تىلىم ھەمىشە بايان ئەيلەر سېنىڭ ئادالىتىڭنى، چۈنكى رەسۋا قىلىپ يىقىتتىڭ شۇم نىيەتتە بولغانلارنى.