9 ئاخىرلاشتۇرغىن رەزىللەرنىڭ يامانلىقىنى، تەۋرەنمەس قىلغىن ھەققانىيلارنى، ئى ھەققانىي خۇدا، سىنىغۇچىسەن قەلبلەرنى.
ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن، كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئويلىرىنى سىنايسەن. مەن سېنىڭ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالغىنىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرز قىلىۋاتىمەن.
مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.
ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىي كىشىلەرنى سىنايسەن، كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەكشۈرىسەن. دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالغانلىقىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرزىمنى بايان قىلدىم.
ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ.
لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.
ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.
ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ قەلبىمنى، بىلدىڭ مېنى.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.
خۇرسەن بولسا بىر ئادەمدىن پەرۋەردىگار، ئۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى مەزمۇت قىلار.
ئى پەرۋەردىگار، سىناپ كۆر، كۆزەت مېنى، پاكلىغىن مېنىڭ نىيەت، قەلبىمنى.
پەرۋەردىگار كۆزىتەر ھەققانىي ۋە رەزىللەرنى، ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىققا مەپتۇنلارنى.
سۇندۇرغايسەن رەزىل ۋە يامانلارنىڭ بىلەكلىرىنى، رەزىللىكلىرى يوقالغۇچە جازالىغايسەن ئۇلارنى.
بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! خۇدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر.
سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى، كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى، تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى، تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى. چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى.
ھىرود خۇداغا تەئەللۇق شان-شەرەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى شۇئان ئۇنى ئۇردى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتلاپ ئۆلدى.
ئى خۇدا، ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكىن ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى، ئى ئىگەم، يۇلۇۋەتكىن ئۇ شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى.
قوغدايسەن يېتىم-يېسىر، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەققىنى، پانىي ئالەمدە ھېچكىم قورقۇتالماس ئۇلارنى.
ئۇ دېڭىز بىلەن مۇقەددەس كۆركەم تاغ ئارىسىغا شاھانە چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. ئۇ شۇ يەردە جان بېرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ.
تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن، چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن. قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى، مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى.
ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار، نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن، يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار.
ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن، خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغان، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام.
پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.
ھەم شۇ ئارقىلىق، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىدە، سىلەرنىڭ ئاتىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئىرادەڭلارنى مۇستەھكەم قىلغاي!
ئىبراھىم ئۆزى بۇ ئايال سىڭلىم، بۇ ئايالمۇ ئىبراھىمنى ئاكام دېگەنىدىغۇ؟ مەن ۋىجدانىمغا، ئىنساپىمغا خىلاپ ئىش قىلمىدىم! _ دېدى.
سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن ۋە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقارغايسەن. گۇناھكارنى جازالاپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىنى ھەققانىي ئادەم دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا ھەققانىيلىقىغا يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.
پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە، پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە.
چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا، رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا.
ئۆتۈنەي، چىقارغىن ماڭا ئادىل ھۆكۈمۈڭنى، ئى خۇدا، ئى ئىگەم قوللىغايسەن دەۋايىمنى.
ئى خۇدا، «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، قوللىغىن ساداقەتسىز خەلققە قارشى دەۋايىمنى، ئادالەتسىز، ھىيلىگەرلەردىن قۇتقۇز مېنى.
ئېيتىڭلار ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر، ئۇ سورار خەلقلەرنى ئادالەتتە. بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.»
چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا، كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا.