Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 7:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئى پەرۋەردىگار، غەزەپلەنگىن، سۈكۈت قىلما، قارشى چىققىن قەھرلىك دۈشمەنلىرىمگە ئى خۇدا، مەن ئۈچۈن ئويغانغىن، ئۇلارنى تارتقىن سوتقا، سەن بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئادا قىلغىن ئۇلارغا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 7:6
21 Referans Kwoze  

ئويغانغىن ئى پەرۋەردىگار، ئۇخلاپ ياتىسەن نېمىشقا؟ تاشلىۋەتمىگىن بىزنى مەڭگۈگە، كەلگىن يېنىمىزغا!


ئۆتۈنەي، چىقارغىن ماڭا ئادىل ھۆكۈمۈڭنى، ئى خۇدا، ئى ئىگەم قوللىغايسەن دەۋايىمنى.


ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن، ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن. تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ، چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ئەمدى مەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن. ئەمدى مەن ئۇلۇغلىنىمەن.


يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.


كەلگىن خۇدا، بەرگىن بىزگە ياردىمىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ئازاد قىلغىن بىزنى.


ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!


ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»


پەرۋەردىگار سوتتىن ئورۇن ئالدى، ئۇ خەلقنى سوراققا تارتىشقا ھازىرلاندى.


پەرۋەردىگار يۈرگۈزەر ھەققانىيەت، ئېزىلگەن بارلىق مەزلۇملارغا ئادالەت.


بۇ چاغ ئىگەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم كەبى، شارابنىڭ كۈچى بىلەن روھلانغان باتۇر كەبى.


كېلىپ كۆرگىن خاراب بولغان مۇقەددەس جايىڭنى، دۈشمەنلەر ئۇرۇپ-چېقىپ ۋەيران قىلغان ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى.


ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار، ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار. ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا، ئى رەببىم ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا.


ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، كەلگىن بارلىق خۇداسىزلارنى جازالاشقا، شەپقەت قىلمىغىن رەزىل ساتقۇنلارغا. سېلاھ


ئى پەرۋەردىگار، قارشى چىققىن ماڭا قارشى چىققانلارغا، ئۇرۇش قىلغىن ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارغا.


«مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»


ئابسالوم ۋە يېنىدىكى ئىسرائىللار: «خۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاخىتوفەلنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئاخىتوفەلنىڭ پادىشاھقا بەرگەن مەسلىھەتىنى بۇزۇپ، ئابسالومنى بالا-قازاغا دۇچار قىلىش قارارىغا كەلگەنىدى.


ھاياتىمنى دەپسەندە قىلىپ دۈشمەنلىرىم، زىيانكەشلىك قىلماقتا بۇ جېنىمغا. ئۆلۈكلەر ماكانى قەبرىستاندەك، مەجبۇرلار مېنى زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite