Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 7:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 قىلغان بولسام دوستۇمغا يامانلىقنى، سەۋەبسىز بۇلىغان بولسام دۈشمىنىمنى،

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 7:4
20 Referans Kwoze  

ئۇ ھەمراھىم مۇشت كۆتۈردى، ئۆزىنى دوست بىلگەنلەرگە. خىلاپلىق قىلدى ئۇ ھەم دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىگە.


داۋۇت شۇنداق دەپ ئۆز ئادەملىرىگە تەنبىھ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سائۇلغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى. سائۇل غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى.


ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا تاۋلىنار، ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار.


ياخشىلىقىمغا بەردى يامانلىقنى، سۆيگۈمگە بەردى نەپرەتنى.


بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە ئەزىز بىلىنگەندەك، مېنىڭ جېنىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىز بىلىنسۇن ۋە مېنى بارلىق مۈشكۈلاتلاردىن خالىي قىلسۇن، _ دېدى.


ئاخىمەلەك سائۇلغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدە سىلىگە داۋۇتتىن سادىق كىم بار؟ ئۇ سىلىنىڭ كۈيۈئوغۇللىرى ھەم ئوردىدىكى ياساۋۇللار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشىدۇر.


داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭ جېنىمنى ئالغۇدەك، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى.


ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە يىراققا بارمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: _ سەن دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قىلىسىلەر؟


سائۇل مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇم داۋۇت، مەن گۇناھ قىلدىم، ئەمدى قايتىپ كەلگىن. بۈگۈن سەن جېنىمنى ئەزىز بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، قاتتىق گۇناھ قىلىپتىمەن.


ئەگەر ئۆزلىرى قايسىمىزنىڭ تاغىرىدىن جامنى تېپىۋالسىلا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. قالغانلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قۇلى بولايلى! _ دېيىشتى.


سەن سائۇل جەمەتىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى جازالاپ، پادىشاھلىق تەختىنى ئوغلۇڭ ئابسالومغا ئېلىپ بەردى. ئەي قانخور، قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە قايتتى.


ئەگەر پۇتۇم ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ، كۆزلىرىم يامانلىققا ئىنتىلىپ، قوللىرىم جىنايەت بىلەن بۇلغانغان بولسا،


بىلىكىم مۈرەمدىن ئاجراپ كەتسۇن، قولۇم سۇنۇپ كەتسۇن.


لېكىن، پاۋلۇس: - جېنىڭغا زامىن بولما، ھەممىمىز بار! - دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite