3 ئى پەرۋەردىگارىم، قىلغان بولسام بىرەر يامانلىقنى، بۇلغىغان بولسام ناھەق ئىشلار بىلەن قوللىرىمنى،
جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئۇلار پايلاپ يۈرمەكتە، نە جىنايەت، نە گۇناھلار بولسۇن مېنىڭدە. ۋەھشىيلەر بىرلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلماقتا، ھېچ يامانلىق قىلمىساممۇ ئۇلارغا. ئۇلار تەييار بولماقتا ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا، كەلگىن ماڭا ياردەم بېرىشكە، نەزەر سېلىپ مېنىڭ ئۇشبۇ ھالىمغا.
ھەي ئاتا، قاراپ باقسىلا، ئېتەكلىرىنىڭ بىر پارچىسى مانا مېنىڭ قولۇمدا تۇرۇپتۇ. سىلىنى ئۆلتۈرمەي ئېتەكلىرىنىلا كېسىۋالغانلىقىمدىن مەندە سىلىگە زىيانكەشلىك قىلىش ياكى ئاسىيلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىۋالالايلا. گەرچە مېنىڭ قىلچىلىك گۇناھىم بولمىسىمۇ، لېكىن سىلى مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتىلا.
_ ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا! ئۇ ئۆزى بىلىدۇ! پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلسۇن! بىز قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىش ياكى ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىق ئۈچۈن ياسىمىدۇق. ئەگەر بىز شۇنداق خىيالدا ياسىغان بولساق، بىزگە رەھىم قىلماڭلار!
پەرۋەردىگار قۇلاق سالماس ئىدى دۇئايىمغا، مايىل بولسا ناۋادا قەلبىم مېنىڭ گۇناھقا.
گۇناھ قىلغان بولساڭ، گۇناھتىن قول ئۈزگىن، چېدىرىڭدا ھېچقانداق ئادالەتسىز ئىش بولمىسۇن.
داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ: «داۋۇت سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرىلا؟
سائۇل: _ سەن نېمىشقا يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈردۈڭ؟ سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا نان بىلەن قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىڭ؟ مانا ئەمدى ئۇ ماڭا قارشى چىقىپ، ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا! _ دېدى.
پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان دوستلۇق ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەيسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بار دەپ قارىساڭ، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بەرمەي، ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەتكىن.
سىلەر ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈرۈۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىن ھېچكىم ماڭا ئوغلۇم يوناتاننىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى، ھېچكىم ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدى. ھېچقانداق ئادەم ماڭا ئۆز ئوغلۇمنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن داۋۇتنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى، _ دېدى.
نۇرغۇن بۇقىلار قورشاۋغا ئالدى مېنى، باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى ئورىۋالدى ئەتراپىمنى.
قىلىچتىن قۇتقۇز مېنىڭ جېنىمنى، ئىتلارنىڭ چاڭگىلىدىن قىممەتلىك ھاياتىمنى.