2 بولمىسا، ئۇلار شىردەك تىتىپ تاشلار مېنى، ھېچكىمىم يوقتۇر قۇتقۇزىدىغانغا جېنىمنى.
ئەي مېنى ئۇنتۇغانلار، ياخشى ئويلاڭلار قىلمىشىڭلارنى، بولمىسا بىتچىت قىلىۋېتىمەن ھەممىڭلارنى. ئۇ چاغدا ھېچكىم قۇتقۇزالماس سىلەرنى.
مەن كېچىچە ئازابلىنىپ، ئاھ ئۇرۇپ چىقتىم، خۇددى شىر ئۇستىخانلىرىمنى پارچە-پارچە قىلغاندەك. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.
ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.
لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.
شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى. ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى.
پۇتلىشىپ كېتىۋېدىم خۇشال بولۇپ ئولاشتى ئەتراپىمغا، جەم بولۇشتى ھەم ماڭا قارشى چىقىشقا. ناتونۇش پەس ئادەملەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇلارغا، مازاق قىلىپ، توختىماي زەربە بەردى ماڭا.
ئولجا تالىشىپ ھۆركىرىۋاتقان شىردەك ئۇلار گويا، ئېغىزلىرىنى يوغان ئاچتى خىرىس قىلىشىپ ماڭا.
ئۇلار ئوخشار بۆكتۈرمىدە تۇرغان ياش شىرلارغا، ئوۋغا ھېرىسمەن شىر كەبى ئولجىسىنى تالاشقا.
چاتقاللىقتا مۆكۈپ تۇرغان شىر كەبى ئۇلار، پايلاپ تۇرار تۇتۇشقا ئاجىزلارنى، چۈشۈرۈپ قىلتاقلىرىغا، تۇتۇۋالار ئۇلارنى.
ئەمەلىيەتتە گۇناھسىزلىقىمنى بىلىسەن، لېكىن قولۇڭدىن مېنى قۇتقۇزۇشقا ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر.
ئاجىزەلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئۇ يەردە ئىككىسىنى ئاجرىتىپ قويىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
ئۇلارنى ھېچكىم قۇتقۇزمىدى، چۈنكى لايىش سىدوندىن يىراق ئىدى، ئۇلار ھەم ھېچكىم بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. بۇ شەھەر بەيت-رىخوب شەھىرى ئەتراپىدىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى. دان قەبىلىسىدىكىلەر بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئۇ يەردە ياشاپ قالدى.
مۇسا گاد قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن خۇدا مەدھىيەلەنسۇن! گاد ماراپ ياتقان شىرغا ئوخشايدۇ، ئولجىسىنىڭ بىلىكىنى ۋە بېشىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.
پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟!
ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا، چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ.
قۇتقۇز تېزدىن مېنى، قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا، پاناھلىناي مەن سەندە، قورام تاش بولغىن ماڭا، قۇتقۇزۇشقا جېنىمنى قورغان بولۇپ بەرگىن ماڭا.
قۇتقۇزغايسەن يامانلارنىڭ قولىدىن، ئازاد قىلغىن قانخورلارنىڭ قوينىدىن.